چاۋۇشئوغلۇ: تۈرك خەلقى ۋە قىبرىس تۈرك خەلقى بولمىغان كېلىشىم كۈچكە ئىگە ئەمەس

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدا قىبرىس تۈرك خەلقىنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1257505
چاۋۇشئوغلۇ: تۈرك خەلقى ۋە قىبرىس تۈرك خەلقى بولمىغان كېلىشىم كۈچكە ئىگە ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت بېيرۇتتا لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىبران باسىل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا بۇرغىلاش پاراخوتلىرى بىلەن قېدېرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى رۇخسەت قىلغان دېڭىز تەۋەلىكتە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئاداققىچە قوغدايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «قىبرىس تۈرك خەلقىنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھەر قانداق كېلىشىم كۈچكە ئىگە ئەمەس» دېدى.

ئۇ سۈرىيەلىكلەرنىڭ سۈرىيەگە قايتىش مۇساپىسى ئۈستىدە توختالغاندا، سۈرىيەلىكلەرنىڭ يۇرتىغا قايتقاندىكى ئەندىشەلىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خەلقئارالىق جەمئىيەت سۈرىيەگە قايتقانلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. سۈرىيەلىكلەر دۆلىتىگە قايتقاندا نېمىلەرنىڭ قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا لىۋان، ئىيوردانىيە ۋە ئىراق بىلەن بىرلىكتە ئورتاق مۇنبەر قۇرالىشىمىز مۇمكىن. خەلقئارالىق جەمئىيەتنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر