ئەردوغان ئىككىنچى 100كۈنلۈك ئىجرائەت پىروگراممىسىنى تونۇشتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككىنچى 100كۈنلۈك ئىجرائەت پىروگراممىسىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇۋىلىرىغا زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1106373
ئەردوغان ئىككىنچى 100كۈنلۈك ئىجرائەت پىروگراممىسىنى تونۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە مىللەت كونگرە ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئىككىنچى 100 كۈنلۈك ئىجرائەت پىروگراممىسى» نى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ بىرىنچى 100 كۈنلۈك ئىجرائەت پىروگراممىسىنىڭ %97 ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى، 400 پىروگراممىدىن 340 ىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يېڭى 100 كۈندە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇۋىلىرىغا، بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە قانىتىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىنىڭ تۈركىيە زېمىنىدىكى قۇرۇلۇشىنى 2019 –يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاش ئۇچۇرىنى بەردى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرە-كونيا سەپىرىدىكى يۇقىرى تېز سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ كونترول پاراۋۇزىغا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، ۋەقە ھەققىدە ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئەنقەرە-كونيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تېز پويىزى مارشاندىز بېكىتىدە كونترول پاراۋۇزىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئۈچ تېخنىكا خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 47 كىشى يارىلاندى. جۇمھۇرىيەت تەپتىشى ھازىرغىچە ئۈچ كىشىنى قولغا ئالدى. بۇ ۋەقەنىڭ بارلىق تەرەپلىرى تەكشۈرۈلىدۇ، جاۋابكارلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئورۇنلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر