دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى: كېلىشىم ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياننامىسىدە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە توقۇنۇشماسلىق رايونىغا قارىتا ھۇجۇملارنى توختىتىش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

1053789
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى: كېلىشىم ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە، مۇنداق دېيىلدى: «ئىدلىبتە توقۇنۇشماسلىق رايونىغا قارىتا ھۇجۇملارنى توختىتش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دەرۋەقە، نۆۋەتتە سۈرىيەنى تېررورىزمدىن خالىي قىلىش ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. يىغىندا، سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىنىمۇ تېررورچىلاردىن تازىلاش پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇش ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى. دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتىن سىياسىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتلىرىنى تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىندى. دۆلىتىمىز، مۇنبىچنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدىكى يول خەرىتىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىنىشىنى كۈتمەكتە. تۈركىيە سىرتىدا تۇتۇلغان تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئادالىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى قەتئىي ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ،  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر