ئەردوغان: سۈرىيەنى تېررورچىلاردىن تازىلاشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ ناھىيەسىنى تېررورچىلاردىن تازىلاشتىن يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1040845
ئەردوغان: سۈرىيەنى تېررورچىلاردىن تازىلاشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» ۋە «تۈرك قوراللىق قىسىملىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «باش قوماندان» سۈپىتىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا زىياپەت بەردى، ھەمدە زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، سۈرىيە ۋە ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرۇلۇق توختالدى.

سۈرىيە چېگراسىدا شەكىللەندۈۈلمەكچى بولغان «تېررور كارىدورى» نى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جەرابلۇس، ئەلباب لېنىيەسىدە دائېشنىڭ، ئافرىندا پ ي د/ي پ گ نىڭ بېشىنى ئېزىپ، سۇيىقەستلىق ئويۇنىنى بىتچىت قىلدۇق.»

ئىراقنىڭ سىنجار رايونىنىڭ يېڭى «قەندىل» رايونىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەتئىي  كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «34 يىللىق سۇيىقەستلىق پىلاننى بۇزۇش يولىدا ئىزچىل قەدەم تاشلاۋاتىمىز. سىنجارنىڭ <قەندىل> گە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا  مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز.»

ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ ناھىيەسىنى تېررورچىلاردىن تازىلاشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى: «ئىدلىبتە يېڭى بىر ھەلەپ پاجىئەسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ئورتاق پائالىيەتلەرنى ئېلەپ بېرىۋاتىمىز. <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىدىكى تېررور رايونلىرىنى بىر – بىرلەپ ئازاد قىلىشقا قارىتا داۋاملىق تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەۋاتىمىز.»

تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ھۇجۇملار توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇۋاتقىنىمىز يوق. خۇدايىم بۇيرىسا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەرگىز يىمىرىلمەيمەز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر