تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كوسوۋادىن تۇتۇپ كېلىنگەن فەتھۇللاھچىلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «كوسوۋادىن قوغلاپ چىقىرىلغان فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تۈركىيەدە ئەمەس، تۈركىيەنىڭ پىرىستىندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا» دېگەن يالغان خەۋەرلەرنى ئەيىبلىدى.

941956
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كوسوۋادىن تۇتۇپ كېلىنگەن فەتھۇللاھچىلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، بۇ خەۋەرلەرنى باھانە قىلىپ، تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلىشى ئۈستىدە توختالدى.

ھامى ئاقسوي كوسوۋادىن قوغلاپ چىقىرىلغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ پىرىستىندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ ئەسلىدە باش ئەلچى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان قۇتراتقۇلۇق خېراكتېرىدىكى ئاسساسىز خەۋەرلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھامى ئاقسوي «بۇ خىل يامان نىيەتلىك مېدىيا قوتراتقۇلىرىنى رەت قىلىمىز ۋە قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ھامى ئاقسوينىڭ باياناتىدا يەنە، «كوسوۋانىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلارنىڭ پىكىر بۇرمىلاش خاكتېرلىق ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشىنى ۋە يول قويماسلىقىنى كۈتىمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر