يۈزدىن ئارتۇق چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

ئارداھان ۋە بايبۇرتتا قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەن 103 چەت ئەللىك كۆچمەن تۇتۇلدى.

919344
يۈزدىن ئارتۇق چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارداھاندا قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان ئافغانىستانلىق، پاكىستانلىق ۋە باڭلادېشلىق 79 قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى.

قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى ئارداھان – قارس دۆلەتلىك تاش يولى بويىدىكى ئۆلچەك يايلىقى ئەتراپىدا بىر گۇرۇپپا چەت ئەللىكنىڭ يول چېتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، قولغا چۈشۈردى.

ئىراندىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر چاملىچاتاق ساقچىخانىسىدا رەسمىيەتلىرى تاماملاندى. قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توشۇغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى م. ي قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا چۈشتى.

بايبۇرتنىڭ دەمىرئۆزۈ ناھىيەسىدىمۇ قانۇنسىز يوللار ۋە يالغان خەتلەر بىلەن تۈركىيەگە كىرگەن 17 سى ئافغانىستانلىق، 7 سى پاكىستانلىق بولۇپ، جەمئىي 24 چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى تەرىپىدىن بەشپىنار يېزىسى ئەتراپىدا تۇتۇلدى.

دەمىرئۆزۈ ناھىيەلىك ساقچىخانىدا تەكشۈرۈلۈش جەريانىدا چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار ۋە يالغان خەتلەر ئارقىلىق كىرگەنلىكى، ناھىيەدىن باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەنقەرەگە كېتىدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر