«ئەنقەرەلىكلەر غازى ئۇنۋانىغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە لاياقەتلىكتۇر»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدا مىسلىسىز پىداكارلىق ۋە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئەنقەرەلىكلەرنىڭ غازى ئۇنۋانىغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

752594
«ئەنقەرەلىكلەر غازى ئۇنۋانىغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە لاياقەتلىكتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسىدە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە، ئەنقەرەلىكلەرنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى كېچىسى كۆرسەتكەن مىسلىسىز پىداكارلىقى ۋە تىللارغا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىقىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئالاھىدە قىسىم باشقارمىسى بومبىلانغان، ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى بومبىلانغان 15 – ئىيۇل كېچىسى يۈزلەرچە كىشى شېھىت بولدى، مىڭلارچە كىشى مىسلىسىز قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، غازى بولدى. شۇ كېچىسى ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا تانكىلارغا ئۆزىنى ئاتقان ئەزىز خەلقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، بومبىلارغا قىلچە پىسەنت قىلمىغان مىللىتىمدىن پەخىرلىنىمەن. بىر تەرەپتە ئىمانلىق ۋە تەۋرەنمەس ئېتىقادقا ئىگە ئەزىز خەلقىم بار ئىدى، يەنە بىر تەرەپتە، ئىمانىنى يوقاتقان زوراۋانلار بار ئىدى، ئاخىرىدا غەلىبە قىلغان تەرەپ ئىمانلىق ئەزىز خەلقىم بولدى.»

شۇ كېچىسى ئەنقەرەلىكلەردىن 90 پۇقرا، 56 ساقچى، 3 ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 149 كىشىنىڭ شېھىتلىك، 1222 كىشىنىڭ غازىلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئالەمشۇمۇل پىلان لايىھەلىرى ئارقىلىق ئەنقەرەنى ماركا شەھەرگە ئايلاندۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر