شىرناقتا نۇرغۇن قورال - ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى
شىرناقنىڭ بەيتۈششەباب ناھىيەسىنىڭ كاتو تېغى رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورىستلار ئىشلەتكەن 8 غاردا كۆپ ساندا قورال - ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى.
743171
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناق ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غارلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا 82 مىللىمېتىرلىق 9 دانە راكېتامىيۇت، گىرانات ئېتىش قۇرۇلمىسى، 31 دانە ئاپتوماتىك قورال، 467 راكېتامىيۇت ئوقى، 20 مىڭ پارتلاتقۇچ ۋە كۆپ ساندا تۇرمۇش بۇيۇملىرى تېپىلغان. شۇنىڭ بىلەن، 19 – ئاپرېل كۈنى باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن بۇيان 719 قورال، 363 مىڭ 148 دانە ھەر خىل شەكىلدىكى ئوق - دورا، 5 توننا ئاممۇنىي نىترات، 75 توننا تۇرمۇش بۇيۇمى قولغا چۈشۈرۈلگەن.