ئەردوغان: ئىسلام دۇنياسى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلمەكتە

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گويا ئوت چەمبىرىكى بىلەن قورشالغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ناھايتى قاتتىق سىناقلارغا ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

672376
ئەردوغان: ئىسلام دۇنياسى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇدا بىرقانچە ئەسىر تىنچلىقنىڭ ئادرېسى بولغان ئىسلام دۇنياسى تولىمۇ ئەپسۇسكى نۆۋەتتە دەرد – ئەلەملەر، تېررورىزم، سۈركىلىشلەر، ۋەيرانچىلىقلار ۋە بومباردىمانلار بىلەن خاتىرىلىنىدىغان بىر رايونغا ئايلىنىپ قالدى. كىملىك ۋە مەزھەپ توقۇنۇشلىرى ئارقىلىق بىر – بىرىگە ياتلاشتۇرۇلغان مۇسۇلمانلار سۈرىيەدە، ئىراقتا ۋە كۆپلىگەن جايلاردا ئۆز – ئۆزىنى ۋەيران قىلماقتا. دۇنيادا بولۇپمۇ غەربتە مۇقەددەس دىنىمىزنى تېررورىزم بىلەن بىرلىكتە يانمۇيان تىلغا ئېلىشتەك يامان نىيەتلىك ئۇرۇنۇشلارغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. مەن بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىمدىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلامغا تېررورىزم بىلەن بوھتان چاپلايدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي تاقابىل تۇرىمەن.»

پۈتكۈل رايوننىڭ، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بىرلىك بولۇش، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىنىڭ ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «جۇغراپىيەمىزگە بۇ دەرد – ئەلەملەرنى تارتقۇزغان دائېشنى، ئەلقائىدەنى، بوكو ھارامنى، ئەششەبابنى، پ ك ك نى، ي پ گ نى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاممىۋى ھالدا لەنەتلەيمىز. بارلىق قېرىنداش دۆلەتلەرنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرگۈچى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر