جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ موزامبىك زىيارىتى باشلاندى
تانزانىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى ئىككىنچى بېكىتى بولغان موزامبىك زيارىتى باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ماپۇتادىكى قەھرىمانلار مەيدانىدىكى ماتولا ئابىدەسىگە گۈلچەمبىرەك قويغان ئەردوغان، كېيىنچە پىرېزىدېنت نيۇسى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت نيۇسى مۇراسىم ساھەسىدىكى ئورنىغا تۇرغاندىن كېيىن توپ ئوقلىرىغا تەڭكەش قىلىپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي مارشلىرى ياڭدىرى. ئەردوغان ھۆرمەت قاراۋۇلىغا سالام بەردى.
تۈركىيە بىلەن موزامبىك ھەيئەتلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئىككى رەھبەر پىرېزىدېنت سارىيىغا ئۆتتى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى.
ئەردوغان موزاكبىك پىرېزىدېنتى فىلىپې جاكىنتو نيۇسى بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
موزاىمبكتىن دۆلەتتىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرەشتە ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.
كېيىنچە ئەردوغان تۈركىيە – موزامبىك سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ موزامبىككە قىلغان زىيارىتى دۆلەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغاننىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن موزامبىكىلىقلار بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلقلەر ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە غەززەگە ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ
تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى