تۈركىيە پارلامېنتى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قارشى باياننامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدا 4 پارتىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان باياننامە ئوقۇلدى.

530809
تۈركىيە پارلامېنتى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قارشى باياننامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان تەرىپىدىن ئوقۇلغان باياننامە تۆۋەندىكىچە:

«بىز ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەزىز خەلقىمىزگە، مىللىي ئىرادىگە، دۆلىتىمىزگە، بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىنىڭ ۋەكىللىرى بولغان پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە غازى مۇستافا كامالنىڭ مەجلىسىگە 15 – ئىيۇل كېچىسى باشلانغان ۋە 16 – ئىيۇل تاڭ سەھەردە تارمار قىلىنغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىنى ۋە پارلامېنتقا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئەزىز خەلقىمىز مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا دادىللىق بىلەن قارشى چىقىپ، بىر قىسىم ئۇنسۇرلارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا يول قويمىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى جان تىكىپ قوغدىغان ئەزىز خەلقىمىزنى قانچىلىك ماخىسااقمۇ ئازلىق قىلىدۇ. دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغانلاردىن پۈتكۈل خەلقىمىز ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلارچە ئىش – ئىزلىرىنى ئەبەدىلئەبەد ئۇنتۇمايمىز. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەزىز خەلقىمىز بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن بومبا ھۇجۇملىرى ۋە ئوق يامغۇرلىرى ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم خەلقىمىزگە لايىق بىر مەجلىس ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. مەجلىسىمىز ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قارشى مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىسلىسىز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇردى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەجلىسىمىزنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مەجلىسىمىزنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى دېموكراتىيەنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. پۈتكۈل خەلقىمىز شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا كەلگۈسىدىمۇ خەلقىمىزگە، مىللىي ئىرادىگە، غازى مۇستافا كامالنىڭ مەجلىسىگە خىرىس قىلغۇچىلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى دېموكراتىيەنىڭ ئىگىلمەس – سۇنماس ئىرادىسىنى ئاداققىچە جارى قىلدۇرىدۇ. مەجلىسىمىزدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قارشى تۇتقان ئورتاق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسى تارىخ سەھىپىلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالىدۇ. بۇ ئورتاق پوزىتسىيە مىللىي ئىرادە ۋە خەلقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. مەجلىسىمىز ۋەزىپە ئۈستىدە بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەجلىسىگە، خەلققە ۋە خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان بۇنداق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغۇچىلارغا قانۇن دائىرىسىدە ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ. ھەممە ئىشنىڭ بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلى مانا بۇ ئورتاق باياننامىدۇر. 4 پارتىيەنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ھەممىمىز بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىمىز ۋە بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئىرادىگە ساھىب چىقىمىز، مىللىي ئىرادىگە ئەبەدىلئەبەد ساھىب چىقىمىز. بۇ ھەقتە خەلقىمىز كۆڭلىنى توق تۇتسۇن. ئەزىز خەلقىمىزنىڭ دېموكراتىك ئىنكاس قايتۇرۇش چېگرالىرىدىن ھالقىپ كېتىدىغان، دۆلىتىمىزگە ياراشمايدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشىغا تىلەكداشمىز. شېھىتلىرىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمىز، يارىدارلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن شىپالىق تىلەيمىز، ئەزىز خەلقىمىزگە ئېسەنلىك تىلەيمىز. تۈركىيەنى قوللاپ باياناتلارنى ئېلان قىلغان بارلىق دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرگە چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، قىزغىن سالام يوللايمىز.»

باياننامىگە ئىمزا قويغۇچىلار:

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى بىنالى يىلدىرىم

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇ

مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى دۆلەت باھچەلى

خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى ئىدرىس بالۇكەن



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر