01.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2109449
01.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۈررىيەت» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ 2023-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش كۆرسەتكۈچى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە ئىقتىسادى بۇلتۇر يەر تەۋرەش ۋە باشقا سەلبىي ئەھۋاللارغا قارىماي، %4.5 ئېشىپ، ئىنتايىن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئىقتىسادىمىز ئۇدا 14 پەسىل ئاشقان بولدى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن، (تۈركىيە) ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي ئەڭ كۆپ ئاشقان دۆلەت بولدى» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىلى %4.5، ئۆكتەبىر-دېكابىر ئايلىرىدا  بولسا، بىر ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش پەسلىگە سېلىشتۇرغاندا %4 ئېشىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى، 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرى ئىچىدە ئۈچىنچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى / قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن، بۇ ساھەنىڭ بايراقدارلىرى بولغان ئىسرائىلىيە بىلەن رۇسىيەنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى (2024-يىلىدىكى) سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 11 مىڭ 500 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا ئىگە  بولغان ئامېرىكا بىرىنچى، 3300 ئاپپاراتقا ئىگە بولغان خىتاي ئىككىنچى، 1000 ئاپپاراتقا ئىگە بولغان تۈركىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن «تۈركىيەگە 40 دانە يېڭى F-16 Block-70s تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىش ۋە 79 دانە F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى زامانىۋىلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى «تەكلىپ ۋە قوبۇل قىلىش لايىھەسى»نىڭ مىنىستىرلىققا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ بايانات بېرىپ، خەلقئارا ماركا باھالاش ئورگىنى — Brand Finance تەرىپىدىن تەييارلانغان «يەرشارى يۇمشاق دېتال كۆرسەتكۈچى»نىڭ 2024-يىللىق كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ مېدىيا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسىدە بۇلتۇرقىدىن 10 بالداق ئۆرلەپ، 193 دۆلەت ئىچىدە 18-بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر