13.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2138673
13.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۈررىيەت» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيەنىڭ «كاتېمېرىنى» گېزىتىنىڭ تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا قەدەملەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تامنىڭ ئارىسىغا سىقىشتۇرۇلماقچى بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن بېزەلگەن بۇ تاملارنى چېقىۋېتىش بىزنىڭ قولىمىزدا. بىز مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز» دېگەن.

«ستار» گېزىتى: بېلگىيە شاھزادىسى لائۇرېنتنىڭ <جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنى دۇنيانىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكى>نى بىلدۈرۈپ: «ئەردوغان ئەپەندى ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشىلىرى قاتارىغا كىرگەن قورال سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ تۈركىيەنىڭ ئۇتۇقلىرىغا يوقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. تۈركىيە يەنە بىزگە ئۆزىمىزنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىر دۆلەت. مەن ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلەردىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى بار، دەپ قارايمەن» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان جەرياندىكى ھەسەل ئېكسپورتىنىڭ 11 مىليون 477 مىڭ 245 دوللارغا يەتكەنلىكىنى؛ ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ تەرتىپى بويىچە ئەڭ كۆپ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان ئۈچ دۆلەت بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: ئانتاليانىڭ بۇ يىل 418ى 5 يۇلتۇزلۇق بولۇپ، جەمئىي 812 مېھمانخانىسىدا مېھمانلىرىنى كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 16 مىليوندىن ئارتۇق چەت ئەللىك ساياھەتچى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ يىلمۇ يېڭى رېكورتلارنى يارىتىۋاتقان ئانتاليا، سۈپەتلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مېھمانسارايلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقماقتا ئىكەن. شەھەردە 418 ى 5 يۇلتۇزلۇق، 218 سى 4 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا بىلەن 46 دانە 5 ۋە 4 يۇلتۇزلۇق تەتىل يېزىسى بار ئىكەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: دۆلەتلىك ئوقيا ئېتىش ماھىرى مەتە گازوزنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئېسسېن شەھىردە ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، سىلوۋېنىيەلىك رەقىبى دېن خابجان مالاۋاسىچنى 0 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن يېڭىۋالغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئولىمپىك، 2023-يىلى دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن مىللىي تەنھەرىكەتچى، كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر