23.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2106351
23.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى <كائان>نى 2028-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھاۋا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان تۈركىيەنىڭ نىشانىنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى <كائان>نىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنىڭ دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا تاراتقۇلار، تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ زامانىۋى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ساباھ» گېزىتى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر يالتايتقۇچى كۈچ سۈپىتىدە قىبرىستا تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ستار» گېزىتى: سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇدنىڭ تۈركىيە بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تارىخىي كېلىشىم خەلقىمىزنىڭ بىخەتەر ۋە پارلاق كەلگۈسى قاراپ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدىكى يېڭى سەھىپىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ بايانات بېرىپ، نۆۋەتتە تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردا مەبلەغكە تېخىمۇ ئاسان ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر شىمشەك: «بىز پىروگراممىدىكى كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يېقىنلاشقانسېرى، دۆلىتىمىزگە كىرىدىغان چىقىمى تۆۋەن، مۇددىتى ئۇزۇن سەرمايىنىڭ يۈرۈشۈش سۈرئىتىمۇ ئاشىدۇ» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر