05.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2084848
05.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ <تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ساقلاۋاتقان ئاقىۋەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، ئۆتكەن ھەپتە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 36 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى>نى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT)نىڭ تۈركىيەدە ۋەقە پەيدا قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى تېررورچى سادىق شەيخ ئەخمەتنى ئىراقنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن تەخمىنەن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇلايمانىيە شەھىرىدە ئۇجۇقتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ ئانتاليانىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئانتاليا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ، يولۇچىلار سىغىمىنى 35 مىليوندىن 82 مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: 2023 – يىلى تۈركىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان كاپادوكيانى تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 4 مىليون 826 مىڭ 622 ساياھەتچىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: NBA نىڭ تۈرك ۋاسكېتبول ماھىرى ئالپەرەن شەنگۈننىڭ ماھارىتىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جەمئىي 32 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ياش ماھىرنىڭ ئىستاتىستىكا جەھەتتە كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، NBA نىڭ نۇرغۇن ماھىرلىرىنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر