29.12.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2081963
29.12.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ساباھ» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەھەللە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز تېررورچىلارنى ئۆز ئۆڭكۈرلىرىدە، ئۆز ئۇۋىلىرىدا يوقىتىۋاتىمىز» دەپ، 59 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى بولغان بىر مىللەت، بىر بايراق، بىر ۋەتەن، بىر دۆلەت پىرىنسىپىنى ياقلاش بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىزدۇر» دېگەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بايانات بېرىپ: «(تۈركىيە) ئارمىيەمىزنىڭ پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە فەتۆ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر خىل تەھدىت ۋە خەۋپلىرىگە قارشى ئۈزلۈكسىز ۋە قەتئىي كۈرىشى داۋام قىلماقتا. <كىرگىلى، بارغىلى بولمايدۇ> دېيىلىۋاتقان جايلار ھازىر كونتروللۇق ئاستىدا» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى — تۇساش تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى — «ئانقا 3» نىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس (ئەردوغاننىڭ) تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى، باش ئەلچى ئاكىف چاغاتاي قىلىچنىڭ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «چۈشىنىش ھاسىل قىلالمىغان نۇقتىلىرىمىز ئازايدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «پۇقرالارنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن تارىخنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ھۇجۇملىرىنى قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىزگە قارشى دېگەن سۆزلىرىنىڭ قىممىتى يوق. نېتانياھۇ نەپرەت بىلەن خاتىرىلىنىدۇ ۋە ھامان بىر كۈنى قانۇننىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر