06.12.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2073182
06.12.2023

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا چاقىرىلغان پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كېلەچىكىنى خەتەرگە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا چاقىرىلغان پارس قولتۇقى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«غەززەدىكى ۋەھشىيلىكلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر، ئۇرۇش جىنايىتىدۇر. ئىسرائىلىيە بۇ جىنايەتلىرى تۈپەيلى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بۇ ۋەھشىيلىك پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ مەقسەتتە كاپالەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە  مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تەييارمىز.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ، تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىۋى زەيتۇن تېرىقچىلىقىنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ  «جىددىي قوغداشقا تېگىشلىك شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى سانىنىڭ 66 گە يەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۆپ  نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نېفىت ساھەسىدە بۇ يىل  33 ى يەرلىك، 10 ى چەت ئەل شىركىتى بولۇپ، جەمئىي 43 شىركەت نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە نېفىت ئايرىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن. بۇ يىل 195 قۇدۇق ئېچىلىپ، جەمئىي 418 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ساھەدە بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

«‹سىتار› گېزىتى»، «توگگ ئامېرىكانىڭ تېسلا شىركىتىنى تەختىدىن چۈشۈرۈۋەتتى»  سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئاپتوموبىل سېتىشتا 1 مىليونلۇق ئۆتكەلدىن ئۆلتۈلدى، شۇنىڭ بىلەن، تارىختىكى يىللىق رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى.  توگگ نويابىردىكى سېتىشتا تېسلادىن ئېشىپ كەتتى. نويابىردا تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىلى بولغان توگگدىن 4401 ئاپتوموبىل سېتىلدى. ئامېرىكانىڭ تېسلا شىركىتى بولسا 900 ئاپتوموبىل ساتتى. شۇنىڭ بىلەن، توگنىڭ ئارقىسىدا قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر