20.11.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2066235
20.11.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹سىتار› گېزىتى»، «غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 42 تۈركىيە پۇقراسى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە «رەفاھ چېگرا ئېغىزى» دىن مىسىرغا يېتىپ بارغان 42 تۈركىيە پۇقراسى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن قاھىرەدىن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىندى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «دۇنيا ئەللىرى پەلەستىن خەلقىنى قوللىماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپادىن ئاسىياغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يۈزمىڭلىغان كىشى پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى. ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ پەلەستىن خەلقىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن كەڭ خەلق ئاممىسى، ئۆز ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئىسرائىلىيەنى قوللاشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «كاپىتانسىز ھۇجۇم كېمىلىرى ھالقىلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە تەييارلىنىۋاتقان كاپىتانسىز ھۇجۇم كېمىلىرى تۇنجى سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. پات يېقىندا تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قورال – ياراغلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان كاپىتانسىز ھۇجۇم كېمىلىرى ھەربىي بازىلارنى قوغداش، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش، ئاخبارات توپلاش، رازۋېدكا قىلىش، نازارەت قىلىش ، چارلاش ، يەر يۈزى ئۇرۇشى ۋە مىناغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەردە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «‹تېلېگراف گېزىتى› تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى 4 جىمجىت شەھەرنى تونۇشتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق «تېلېگراف گېزىتى» تۈركىيەنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى 4 جىمجىت شەھىرىنى تونۇشتۇردى. گېزىت بودرۇم، مارمارىس ۋە چەشمە قاتارلىق داڭلىق دەم ئېلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان رايونلارنى، شۇنداقلا  مۇغلانىڭ كويجەگىز ناھىيەسى ۋە ئۇلا ناھىيەسىگە قاراشلىق ئاقياقا ناھىيەسىنى، ئىزمىرنىڭ فوچا ۋە سەفەرىھىسار ناھىيەلىرىنى تونۇشتۇردى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە ساياھەت ساھەسىدىكى ئەمگەك كۈچى قالايمىقانلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تۈركىيەگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كارخانىلار  تۈركىيەدىكى ساياھەت كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلارلىق خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر