08.11.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2061837
08.11.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆررىيەت› گېزىتى»: «قۇرتۇلمۇش: <تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەم زالىمغا تاقابىل تۇرۇش ھەم مەزلۇملارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر> دېدى» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئامى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى:  

«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەم زالىمغا تاقابىل تۇرۇش ھەم مەزلۇملارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ھەمدە ئۇرۇشنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»: تۈنۈگۈن كۇۋەيتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ، تۈركىيە  - كۇۋەيت سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى:

«بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا تۈركىيەنىڭ كۇۋەيتكە قىلغان ئېكسپورتى 575 مىليون دوللارغا، ئۆزئارا سودا مىقدارى 680 مىليون دوللارغا يەتتى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجمىنى ئۆزئارا ئۇچرىشىشلىرىز، يەرمەنكىلەر، سودا ھەيئەتلىرى پىروگراممىلىرى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ئاشۇرىمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»: تۈركىيە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى پىلانى دائىرىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئاي شارى تەتقىقات پىروگراممىسىغا ئاساسەن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان تۇنجى ئالەم كېمىسىدىكى بارلىق جەريانلارنىڭ 2026-يىلى تاماملىنىپ، ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشىنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

«‹سىتار› گېزىتى»: «تۈركىيە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەلقئارا تەبىئىي گاز جەمئىيىتىنىڭ «2023-يىللىق دۇنيا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز» دوكلاتىغا قارىغاندا، تۈركىيە بۇ ساھەدە مۇھىم رول ئوينايدىغان 3 سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز  ئىسكىلاتى ۋە قايتا گازغا ئايلاندۇرۇش مۇئەسسەسەسى بىلەن دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا ئىكەن، شۇنداقلا ھەر بىرىنىڭ سىغىمى 28 مىليون كۇب مېتىرلىق گازغا ئايلاندۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە  قايتا گازغا ئايلاندۇرۇش مۇئەسسەسەلىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىكەن.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»: تۈركىيەنىڭ 2023-2024-يىللىق ئېكىسپورت پەسلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورتىدىن 358 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلىنغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ مەزگىلدە چەت ئەلگە 54 مىڭ 251 توننا ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 358 مىليون 383 مىڭ 228 دوللار كىرىم قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر