27.06.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1848614
27.06.2022

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي: <تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەگە سالغان مەبلىغى 5 مىليارد دوللارغا يەتتى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ 19 – نۆۋەتلىك ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى ۋە ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيەلىك ئىشچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، «تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەگە سالغان مەبلىغى 5 مىليارد دوللارغا يەتتى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، <يەرلىك سۇ ئاستى پاراخوت ئىشلەپچىقىرىش تەۋەككۈلچىلىكىمىزدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەم> نى جاكارلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، «يەرلىك سۇ ئاستى پاراخوت ئىشلەپچىقىرىش تەۋەككۇلچىلىكىمىزدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەم. تۈرك ئىنژېنېرلىرى تەرىپدىن پۈتۈنلەي يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ لايىھەلەنگەن <STM500> ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى چىدامچانلىق سىناق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن باشلايمىز» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەدىن ھالقىلىق ھەرىكەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئاۋىياتسىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يەنە بىر تېخنىكانىڭ يەرلىكلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، يەرلىك ئايروپىلانلارنىڭ قۇشلارغا سوقۇلۇش سىنىقىنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن يەرلىك تېخنىكا سايىسىدا، كۆرەشچى ئايروپىلان، ھۇرجېت، گۆكبەي قاتارلىق لەيىھەلەرنى سىناق قىلىش ئۈچۈن چەت ئەلگە بېرىشنىڭ ھاجىتى قالمايدىغانلىقىنى يازدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى <TOGG> يېڭى دىجىتال مەھسۇلاتنى خىزمەتكە سۇنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى <TOGG> نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى گۇرجان قاراقاش، ئاپتوموبىلدىن ئىلگىرى باشقا يېڭى بىر تېخنىكا مەھسۇلاتىنى بازارغا سالىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە ئىزاھات بېرىپ،  «تۈركىيە ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى <TOGG> نى ئاساسلىق پائالىيەت ساھەسى ھەرىكەتچان تېخنىكا شىركىتى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئەمما <س> سەۋىيەلىك جىپ ئاپتوموبىلىمىزنى بازاغا سېلىشتىن ئىلگىرى كۆچمە مۇلازىمەت قىلىدىغان دېگىتال مەھسۇلات چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە يىپ ئۇچى بېرەلەيمەن» دېدى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈرەجى بىلەن شاھىن ئىنسانىيەتكە ئەڭ مۇنەۋۋەر خىزمەت كۆرستىش مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ۋەھبى كوچ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئالىي خىزمەت مۇكاپاتىغا تۇنجى ئېرىشكۈچىلەر مۇئەييەنلەشتى. كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى ئىشلەپچىقارغان «BioNTech» ۋاكسىناسى بىلەن مىليونلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرغان پىروفېسسور دوكتور ئۆزلەم تۈرەجى ۋە پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر