ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن توقۇنۇش جەريانىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرگە تەزىيە بىلدۈردى.

2088226
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ مىنىستىر گۈلەرگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ خائىنلارچە ھۇجۇمىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بەزى خادىملىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، يەنە بەزىلىرىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئازابىنى ئۆزلىرىنىڭ ئازابى، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان ھەسەنوۋ: «بىز تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە بىز ھەردائىم قېرىنداش تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سېپىدىمىز ۋە قوللايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر ھەسەنوۋ ئۇچۇرىدا، شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت، يارىلانغان ئەسكەرلەرگە شىپالىق تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر