نۇمان قۇرتۇلمۇش قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا رەسمىي زىيارەتنى باشلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش 19 – مايدىن 23 – مايغىچە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

2141221
نۇمان قۇرتۇلمۇش قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا رەسمىي زىيارەتنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ  ئۇچرىشىشلىرىدا، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مەۋجۇت ھەمكارلىقلار شۇنداقلا پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش 19-مايدىن 21-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادە قازاقىستان پارلامېنتى باشلىقى يەرلان كوشانوۋ، قازاقىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى مەۋلېن ئاشىمبايېۋ ۋە قازاقىستان باش مىنىستىرى ئولجاس بەكتېنوۋ بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېۋ تەرىپىدىنمۇ رەسمىي قوبۇل قىلىشىنى مۆلچەرلەنمەكتە.

نۇمان قۇرتۇلمۇش يەنە قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ ۋە خوجا ئەھمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پروگراممىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

نۇمان قۇرتۇلمۇش 22 -  مايدىن 23 - مايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە زىيارەتتە بولىدۇ. ئۆزبېكىستان ئالىي پارلامېنتى قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ رەئىسى نۇردىنجان ئىسمائىلوۋ، ئۆزبېكىستان كېڭەش پالاتاسى رەئىسى تانزىلا ناربايېۋا ۋە ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ يەنە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر