ئەردوغان بۈگۈن ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن (2023-يىلى 8-نويابىر) ئۆزبېكىستانغا يتىپ بارىدۇ.

2061716
ئەردوغان بۈگۈن ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، زىيارەت دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 9-نويابىر پەيشەنبە كۈنىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا، نۇتۇق سۆزلەيدىكەن ۋە يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدىكەن.  

رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، «تۈركىيە قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سودا، قاتناش تورى ۋە ئالاقىنى ياخشىلاش» قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر