شۇشا «2024- يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى»لىكىگە تاللاندى
ئەزەربەيجان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاراباغنىڭ سىمۋوللۇق شەھىرى شۇشانىڭ «2024- يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى» قىلىپ تاللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەدەنىيەت مىنىستىرى ئادىل كەرىملىنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت مىنىستىرلىرىنىڭ 12- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىسلام مائارىپى، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختلىرى پىروگراممىسىغا شۇشانىڭ 2024 - يىللىق مەدەنىيەت پايتەختى نامزاتى بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، كەرىملىنىڭ تەكلىپىنىڭ قارشى ئېلىنغانلىقى ۋە شۇشانىڭ ئەزالارنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن «2024- يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
شۇشا 2023- يىلى «تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى» دەپ ئېلان قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.