ئەزەربەيجان قاراباغ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى قاراباغدىكى ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئۇل ئەسلىھە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2041302
ئەزەربەيجان قاراباغ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر شاھىن مۇستافايېۋ باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئۇل ئەسلىھە مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، 22 – سېنتەبىر 40 توننا يېمەكلىك ۋە تازىلىق لازىمەتلىكلىرى بېسىلغان ئىككى يۈك ماشىنىسى بىلەن ئىككى قارا ماشىنىنىڭ ئاغدام – خانكەندى يولى ئارقىلىق قاراباغدىكى ئەرمەن ئاھالىلەرگە ئەۋەتىلگەنلىكى، ئاغدام، فۇزۇلى ۋە كەلبەجەردە مىڭ ئادەم سىغىدىغان چېدىرلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

قاراباغدىكى ئەرمەن ئاھالىسىگە يەسلى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئىسسىتىلىشى ئۈچۈن يېقىلغۇ ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ يېمەكلىك ۋە لازىمەتلىكلىرىنىڭ لاچىن - خانكەندى يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈلدى.

باياناتتا يەنە، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، داۋالىنىشقا موھتاج كىشىلەرنىڭ ئەرمېنىيەگە تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن، كېرەكلىك تەييارلىقلارنىڭ قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ يېقىلغۇ قاچىلانغان ماشىنىلىرى ئاغدام - خانكەندى يۆنىلىشىنى بويلاپ رايونغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئەزەربەيجان ئەمەلدارلىرى بىلەن قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ 9 - ئاينىڭ 21 – كۈنىدىكى سۆھبىتى جەريانىدا، ئەزەربەيجان دۆلىتىدىن يېقىلغۇ ۋە يېمەكلىك ياردىمى تەلەپ قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر