بايراموۋ: ئەرمېنىيەگە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش تەكلىپىمىزنى سۇنۇۋاتىمىز

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ: «بىز ئەرمېنىيەگە يەنە بىر قېتىم ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق تەكلىپىمىزنى سۇنۇۋاتىمىز» دېدى.

2040854
بايراموۋ: ئەرمېنىيەگە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش تەكلىپىمىزنى سۇنۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي ئەزا فىرانسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، قاراباغدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايراموۋ ئەزەربەيجاننىڭ ئۆز زېمىنىلىرىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان بايراموۋ، ئەزەربەيجان ئەمەلدارلىرى بىلەن قاراباغدىكى ئەرمەن ئاھالىسى ۋەكىللىرىنىڭ يېۋلاھتا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ «چەكلىك دائىرە ۋە مۇۋازىنەتلىك ھالەتتە» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ پەقەت ئەزەربەيجان زېمىنىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىلا زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەقىقىي مەنىدە سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىگە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بايراموۋ: «بىز ئەرمېنىيەگە يەنە بىر قېتىم ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق تەكلىپىمىزنى سۇنۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قاراباغ ئەرمەنلىرى بىزنىڭ تىنچ بىللە ياشاش ئەندىزىمىزنىڭ بىر قىسمى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، باش ئەلچى بۇراق ئاقچاپار، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان ئەمەلدارلىرى بىلەن  قاراباغدىكى ئەرمەن ئاھالىسى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە سۆھبەتنىڭ ئۈنۈملۈك داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئەرمېنىيەنىڭ زەنگەزور كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئەرمېنىيە ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە چاقىرغان ئاقچاپار، تۈركىيەنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى باشتىن- ئاخىر قوللاپ كەلگەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئامېرىكاغا مەئسۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مىروسلاۋ جېنكا، ب د ت نىڭ مەيداندا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ جىددىيلىكتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جېنكا، ب د ت موتىدىللىكنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن ۋاقىپ ئىكەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ب د ت نىڭ بارلىق كۈچلەر بىلەن قويۇق ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر