قاراباغدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پولكوۋنىك ئانار ئەيۋازوۋ ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قاراباغدىكى 60 تىن ئارتۇق بازىلىرىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2039815
قاراباغدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئانار ئەيۋازوۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت تەدبىرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پولكوۋنىك ئەيۋازوۋ، «تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 60 تىن ئارتۇق بازىسى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى. 20 گە يېقىن ھەربىي ئاپتوموبىل، 40 تىن ئارتۇق زەمبىرەك، 30 دىن ئارتۇق مىناميوت، 2 ئايروپىلان سوقار ۋە 6 دىن ئارتۇق ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش پونكىتى پاچاقلاپ تاشلاندى» دېدى.

ئەيۋازوۋ ئەرمەنلەرگە تەۋە بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ پۇقراۋىي قۇرۇلۇشلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ مەقسىتىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى قايمۇقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ پەقەت قانۇنلۇق ھالدا ھەربىي نىشانلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئەيۋازوۋ، بىر ھەربىي نىشانغا يېقىن جايدا پۇقرالار بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن زەربە بەرمىگەنلىكىگە دائىر كۆرۈنۈشلەرنىمۇ ھەمبەھىرلىدى.  

44 كۈنلۈك 2-قاراباغ ئۇرۇشىدىن (2020) كېيىن، ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا ئاتالمىش ئەرمېنىيە ​​ھاكىمىيىتىنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئاخىرىدا، ئەزەربەيجان دۆلەت ئورگىنىغا تەۋە بىر يۈك ئاپتوموبىلى خوجاۋەنت بىلەن ئەخمەتبەيلى-فۇزۇلى-شۇشا تاشيولىدا مىناغا تېگىپ پارتلىشى سەۋەبىدىن 2 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ساقچى ئاپتوموبىلىمۇ يەنە باشقا بىر مىناغا  سۇقۇلۇپ 4 ساقچى شېھىت بولغان ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدا ئاساسىي قانۇن قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر