ئەزەربەيجان ئارگېنتىناغا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت ئالبېرتو فېرناندېزنىڭ ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىكى «دۆلەتكە (ئەزەربەيجانغا) قارشى بىر تەرەپلىمە سۆزلىرى»گە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئارگېنتىناغا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى.

2036356
ئەزەربەيجان ئارگېنتىناغا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئارگېنتىنانىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىئانگېلېس بېللۇسجىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ، پىرېزىدېنت فېرناندېزنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا «ئەزەربەيجان توغرىسىدا بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» سەۋەبىدىن ئارگېنتىناغا باش ئەلچى ئارقىلىق ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باش ئەلچىگە فېرناندېزنىڭ «ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قاراتقان تۆھمەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، رايوندىكى پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە زىت» ئاساسسىز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقى يەتكۈزۈلگەن.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 9-، 10- سېنتەبىر كۈنلىرى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر