ئەزەربەيجان بايرىقىغا دەسسىگەن ئۈچ ئەرمەن قولغا چۈشۈرۈلدى

قاراباغدا ئەزەربەيجان بايرىقىنى دەسسىگەن ئۈچ ئەرمېنىيە پۇتبولچىسىنىڭ ھەر بىرىگە 10 كۈنلۈكتىن قاماق جازاسى بېرىلدى.

2030541
ئەزەربەيجان بايرىقىغا دەسسىگەن ئۈچ ئەرمەن قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 2021 – يىلى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەرمېنىيە پۇقرالىرى ئالېن ساركىسيان (22 ياش)، ۋاخې خوۋسېپيان (20 ياش) ۋە لېۋون گىرىگوريان (20 ياش)نىڭ قاراباغدىن ئەرمىنىيەگە ئۆتۈش جەريانىدا لاچىن تەكشۈرۈش پونكىتى خادىملىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر ئۈچ كىشىنىڭ سوراق جەريانىدا جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىدىغانلىقى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

جاۋابكارلارنىڭ بىلدۈرگەن ئىپادىلىرى نەزەردە تۇتۇلۇپ، داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرگە خاتىمە بېرىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ئۈچ كىشىنىڭ مەمۇرىي جىنايەتلەر قانۇنىنىڭ «چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى توردا تارقىتىش» دائىرىسىدە سوتلىنىپ، ھەر بىرىگە 10 كۈنلۈكتىن قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇ ئۈچ كىشىنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئەزەربەيجاندىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

قاراباغدىكى بىر پۇتبول كۇلۇبى پۇتبولچىلىرىنىڭ ئەزەربەيجان بايرىقىنى دەسسىگەنلىكىگە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەر 2021- يىلى توردا ھەمبەھرىلەنگەنىدى.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى «ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ياكى گېربىنى ھاقارەتلەش» ۋە «تەشكىللىك ھالەتتە مىللىي، ئىرق، ئىجتىمائىي ياكى دىنىي ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر