ئەزەربەيجان بىلەن ئۆزبېكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستان ئارمىيەلىرى ئۆزبېكىستاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

2017522
ئەزەربەيجان بىلەن ئۆزبېكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ 2023- يىللىق ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، ئۆزبېكىستاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا قارىغاندا، مانېۋىر تاشكەنت ئۆلكىسىدىكى چىرچىك ھەربىي مەشىق رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

«UZAZ - 2023» ناملىق ھەربىي مانېۋىر جەريانىدا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش مەشىقلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا يېتىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر