سادىر جاپاروۋ تۈركىيە قۇرۇپ بەرگەن زامانىۋى بولكا زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) تەرىپىدىن قۇرۇپ بېرىلگەن زامانىۋى بولكا زاۋۇتىغا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بولكا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش توغرۇلۇق يوليورۇق بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سادىر جاپاروۋ بىشكەك شەھەر باشلىقى ئەمىلبەك ئابدىقادىروۋ ۋە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) نىڭ بىشكەك پروگراممىسى ماسلاشتۇرغۇچىسى ئوسمان ئۇستانىڭ ھەمراھلىقىدا كۈندىلىك 20 مىڭ بولكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىشكەك بولكا زاۋۇتىنى ئىكسكۈرسىيە قىلدى.
سادىر جاپاروۋ زاۋۇتتا بولكا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇلىشى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى، ئاندىن بىشكەك شەھەر باشلىقى ئەمىلبەك ئابدىقادىروۋدىن زاۋۇتنىڭ ھازىرقى % 25-30 لىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بولكا زاۋۇتىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەتلىك ۋە ئەرزان باھادا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مائارىپ، سەھىيە، ئىچكى ئىشلار ئورگارلىرى ۋە باشقا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ زاۋۇتتىن بولكا سېتىۋېلىشىنى بۇيرۇدى.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) تەرىپىدىن 2015-يىلى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە قۇرۇلغان بىشكەك بولكا زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىشىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ پايتەخت ئەنقەرەدىن تېلېكونفىراس سىستېمىسى ئارقىلىق قاتناشقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.