تۈركىيە مۇشۇ 5 ئاي ئىچىدە قازاقىستانغا 727 مىليون 450 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى

تۈركىيە قازاقىستانغا 1- ئايدىن 5 ئايغىچە بولغان مەزگىلدە 727 مىليون 450 مىڭ دوللارلىق تاۋار ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى 5 ئايلىق ئېكىسپورتنى ئىشقا ئاشۇرغان بولدى.

2001002
تۈركىيە مۇشۇ 5 ئاي ئىچىدە قازاقىستانغا 727 مىليون 450 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ قازاقىستانغا قىلغان ئېكسپورتى مۇشۇ 5 ئاي ئىچىدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %67.9 ئاشقان.

قازاقىستان يەنە 1-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، تۈركىيەگە ئەڭ كۆپ تاۋار ئېكسپورت قىلغان 6-دۆلەت سۈپىتىدە رۇيخەتكە ئۆتتى.

بۇ مەزگىلدە قازاقىستاننىڭ ئېكسپورتى 294 مىليون 243 مىڭ دوللار ئاشتى.

قازاقىستانغا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 5 ئېيىدا، تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى 164 مىليون 768 مىڭ دوللالىق تاۋار ئېكسپورت قىلىش بىلەن  ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر