<تۈرك مەبلەغ فوندى> قۇرۇلىشى تەستىقتىن ئۆتتى

ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى تۈرك مەبلەغ فوندى قۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.

1993136
<تۈرك مەبلەغ فوندى> قۇرۇلىشى تەستىقتىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرغۇچىلىرى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن تەشكىل تاپقان بۇ فوندنى قۇرۇش لايىھىسى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەستىقىدىن كېيىن رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچتا مەبلەغ 500 مىليون دوللار بولىدۇ ۋە بۇ فوند ئىستانبۇلدىن باشقۇرۇلىدۇ.

بۇ فوند تۈرك دۆلەتلىرىنى تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر