مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مۇئەييەنلەشتى

مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىدىكى مەركىزى سايلام كومىتېتى ئىككىنچى قېتىملىق پېرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى تەستىقلىدى.

1987558
مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى سايلام كومىتېتى 14-ماي رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

كومىتېت تەستىقلىغان نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، 92 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچىسى بولغان رايوندا ئاۋاز تاشلاش نىسبىتى %54.7 بولغان.

سايلامدا شور پارتىيەسىنىڭ نامزاتى يېۋگېنىيا گۇتسۇل %52.34 ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلغان.

سابىق پىرېزىدېنت ئىگور دودون رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسى قوللىغان مۇستەقىل نامزات گرىگورىي ئۇزۇن %47.66 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

ھېچ بىر نامزات سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرمىگەن.

سايلام كومىتېتى سايلام نەتىجىسىنى ئىككى كۈن ئىچىدە ئەگەشمە سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشى ۋە مەھكىمە نەتىجىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى لازىم.

سايلامدا ئۇتۇپ چىققان نامزاتنىڭ 30 كۈن ئىچىدە گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونى پارلامېنتىدا قەسەم بېرىپ، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى باشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر