ئەنقەرە-تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپىرى باشلاندى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى(THY) نىڭ تارماق ماركىسى بولغان ئانادولۇژېت (AnadoluJet) نىڭ ئەنقەرە-تاشكەنت سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى ئايروپىلان، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.

1976419
ئەنقەرە-تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇژېتنىڭ ئەنقەرەدىن تاشكەنتكە قاراپ ئۇچقان تۇنجى ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 4.10  ئۆتكەندە تاشكەنت ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئۆزبېكسىتان خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى تاھىر نەزەروۋ، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ئولگان بەكار ۋە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تاشكەنت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەلىم قاھرامان ئايروپىلان شوتىسى ئالدىدا لېنتا كېسىپ، يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى.

باش ئەلچى ئولگان بەكار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، ئەنقەرە-تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ۋە بۇ سەپەرنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم  بولىدىغانلىقىنى،  كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭمۇ بۇ لىنيەدە ئايروپىلان سەپىرىنى باشلىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۈگۈنگىچە ئىككى دۆلەت ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭ ئىستانبۇل بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە، ئۇرگەنچ، سەمەرقەنت ۋە بۇخارا شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى؛ ئانادولۇژېتنىڭ ئەنقەرە-تاشكەنت ئايروپىلان سەپىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى سانىنىڭ 61 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر