ئامانات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پارلامېنت باشلىقلىقىغا سايلاندى
قازاقىستاندا ئامانات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى يەرلان قوشانوۋ پارلامېنت باشلىقلىقىغا سايلاندى.
1966773
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە، ئامانات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى يەرلان قوشانوۋ سايلاندى.
پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى مەجلىسنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئېچىلىشىدا، پارلامېنت ئەزالىرى مەخپىي ئاۋاز تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن بېلەت تاشلىدى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئامانات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى قوشانوۋ 98 ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنت باشلىقى بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.