چاۋۇشئوغلۇ: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئورتاق ئارزۇيىمىز ئىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى ئىدى، ئەمدى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇل-ئاساسىمىزنى كۈندىن كۈنگە كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىزنى يېڭى ساھەلەرگە كېڭەيتىۋاتىمىز» دېدى.

1960686
چاۋۇشئوغلۇ: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئورتاق ئارزۇيىمىز ئىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىنغا، ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بەختىيار سەئىدوۋ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەئېنبېك قۇلۇبايېۋ، قازاقىستان بىرىنچى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قايرات ئۇماروۋ، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سزژارتو ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇكمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ، تۈركمەنىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى مۇراتكەلدى سەيىتمامەدوۋ ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى قۇبانىجبېك ئۆمۈرئالىيېۋ قاتناشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى ئىدى، ئەمدى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇل-ئاساسىمىزنى كۈندىن كۈنگە كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىزنى يېڭى ساھەلەرگە كېڭەيتىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يېشىل تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىدىغان، ئەقىللىق شەھەرلەرگە ئىگە تۈرك دۇنياسى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «يەر شارى ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئېغىرلىقىمىز كۈچىيىۋاتىدۇ. باكۇ-تىبلىس-جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولى ۋە ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىغا ئوخشاش چوڭ ھەجىملىك ئېنېرگيە لايىھەلىرىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ كاسپىي رايونىدىن ئىلاۋە تەبىئىي گازنى خەلقئارا بازارلارغا ئەكىرىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ئاسىيا قايتىدىن باش كۆتۈرگەن بۇ مەزگىلدە، ئوتتۇرا كارىدورنىڭ دۇنيا سودىسىدىكى ئۈلۈشىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.

ئۇ ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ساغلام شەكىلدە بىر گەۋدىلىشىشى ئۈچۈن «تۈرك مەبلەغ فوندى» غا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رايوندىكى باشقا ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا شۇنداقلا ئەزالىرىغا يېقىندىن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئورتاق ئەقىل بىلەن تارىخنىڭ تەرەققىياتىدا سورۇلۇپ كېتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە بۇ يەردە بولۇشىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ، ھەق-ھوقۇقى ۋە باراۋەر خەلقئارالىق ئورنىنى بېكىتىش، دۇچار بولغان يالغۇزلۇق، ۋە چەكلىمىلەرنى يوقىتىش بىزنىڭ ئورتاق غايىمىز بولۇشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر