تاجىكىستاننىڭ تاشقۇرغانغا چېگراداش جايلىرىدا 7.2 بال يەر تەۋرىدى

تاجىكىستاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسىغا يېقىن يېرىدە 7.2 بال يەر تەۋرىدى.

1950274
تاجىكىستاننىڭ تاشقۇرغانغا چېگراداش جايلىرىدا 7.2 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەر تەۋرەش تورلىرى مەركىزى (CENC) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تاجىكىستاننىڭ شەرقىدىكى تاغلىق بەدەخشان ئاپتونوم رايونى چېگراسىغا يېقىن جايدا 7.2 بال يەر تەۋرىگەن.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) يەر تەۋرەشنىڭ 6.8  بال بولغانلىقىنى ئۆلچەپ چىققان.

يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ تاجىكىستان تەرەپتىكى مۇرگوب شەھىرىنىڭ غەربىگە 67 كىلومىتىر كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06.37 دە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك، ئوش ۋە باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ھېس قىلىندى.

باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە خىتاي ۋە تاجىكىستان تەرەپتىن تېخىچە بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر