قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ 6 – فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش قاتارلىق 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ، دۆلىتىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتتى.

1950168
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن، تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزگەن، مەركىزى قاھرامانماراش بولغان  7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن ھال سوراش ئۈچۈن تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى بوئوبېك ئاجىكېيېۋ، مىنىستىرلىقنىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىنكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

جاپپاروۋ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە «قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەگە» ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئورتاق دەرد - ئەلەم ھەممە كىشىنى تۈركىيە خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇنۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم قىلدى. تۈركىيەدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە كەسپىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە قوشقان تۆھپىلىرى ۋە بۇ جەرياندا ئۈنۈملۈك ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ  قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى بوئوبېك ئاجىكېيېۋغا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.

بوئوبېك ئاجىكېيېۋ قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ چەت ئەلدە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ىىزمەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«قىرغىزىستان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى خەۋپ – خەتەرگە قارىماي خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشتى. ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كىشىنى خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ قۇتقۇزۇۋالدۇق، 198 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپتۇق. ئاپەت رايونىدا 124 چېدىردىن تەشكىل تاپقان چېدىر شەھەر بەرپا قىلدۇق.»

ئاجىكېيېۋ قاھرامانماراش ۋە ھاتاي ۋىلايەتلىرىدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىرغىزىستان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

قىرغىزىستان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈنۈگۈن (21-فېۋرال) تۈركىيەدە مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر