ت د ت باش كاتىپى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (ت د ت) باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئالىيېۋ ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بەختىيار سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1936772
ت د ت باش كاتىپى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋ ئەتە (2023-يىلى 24-يانۋار) ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان تاشكەنتتە، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بەختىيار سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، كۆرۈشۈشتە بارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ھېس قىلىنغان خۇشاللىقلار تىلغا ئېلىنغان.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بەختىيار سەئىدوۋ بىلەن ئۆمۈرئالىيېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 2022-يىلى نويابىردا سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر يىغىنىدا چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈستىدە توختالدى.

رەھبەرلەر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا، سودا، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى رايونىنىڭ قاتناش ۋە تىرانسىپورت يوشۇرۇن كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ئۇچۇر-ئالاقە، دىجىتال ۋە يېشىل ئىقتىساد ساھەلىرىدە ئورتاق تۈر-لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ساياھەتچىلىك، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كۆرۈشۈشتە يەنە، ئۆمۈرئالىيېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنىڭ مەقسىتى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، تەشكىلات باش كاتىباتلىقىنىڭ ئاكتىپ رول ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تەشكلاتنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، 2022-يىلى نويابىردا سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىمزالانغان سەمەرقەنت خىتابنامەسى بىلەن باشقا ھۆججەتلەرنىڭ روھىنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر