قازاقىستاندا پارلامېنت تارقىتىۋېتىلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پارلامېنتتى تارقىتىۋېتىش ۋە 19-مارتتا (2023) مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنى ئىمزالىدى.

1935279
قازاقىستاندا پارلامېنت تارقىتىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، توقايېۋنىڭ ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى بىلەن قازاقىستاندا تېخىمۇ ئادىل ۋە رىقابەت كۈچىگە ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا ئۆتۈش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، توقايېۋ بۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئارىلاشما تۈزۈم بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پارلامېنت ۋە يەرلىك پارلامېنت شەكىللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى سايلىغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى دۆلەت ۋە رايون سەۋىيەسىدە تولۇق قوغدايدۇ، ۋەكىللىك ئورگانلىرىدا كەڭ دائىرىدە كۆز قاراش بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە، ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىدا، يېڭى سىياسىي پارتىيەلەرنى قۇرۇش جەريانىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، سىياسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتقا كىرىشتە ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتىنىڭ %7 تىن %5 كە قىسقارتىلغانلىقىنى؛ بۇ تۈزۈلمە ئۆزگىرىشلىرىنىڭ سىياسىي رىقابەتنى كۈچەيتىپ، يېڭى سىياسەتچىلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر