ئەزەربەيجان فىرانسىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

فىرانسىيە سىياسىيونلىرىنىڭ ئەزەربەيجانغا تۇتۇۋاتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسى تۈپەيلى فىرانسىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئان بۇايون تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1925030
ئەزەربەيجان فىرانسىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي قاتلاملارنىڭ ئەزەربەيجاننى قارىلاش پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىدىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىقنىڭ باش ئەلچى بۇايونغا يەتكۈزۈلۈپ، نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بۇايونغا بىر قانچە كۈن ئىلگىرى فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا يېزىلغان مەكتۇپتىكى ئەزەربەيجاننىڭ ئورۇنسىز ئەيىبلىنىشى، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۇجۇم قىلىش ماھىيتىىدە قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى توغرىسىدىكى چاقىرىقنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىڭمۇ يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇايون بىلەن كۆرۈشكەن مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارىلاش ھەرىكىتىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر