توقايېۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى
قازاقىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا 20 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قازانغان قاسىم جۆمەرت توقايېۋ ئۈچۈن پايتەخت ئاستانەدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى؛ مۇراسىمغا باش مىنىستىر، پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلار ۋە نۇرغۇن تەكلىپلىك مېھمانلار قاتناشتى.
توقايېۋ «خەلقىگە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەجبۇرىيەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى.
ئۇ، قازاقىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئاساس قىلغان تەڭپۇڭ ۋە ئىجابىي تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «قوشنا دۆلەتلەر رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان شەكىلدە ھەمكارلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇش قاتارلىقلار مۇھىم ئىشىمىز بولىدۇ» دېدى.
پىرېزىدېنت توقايېۋ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ھەمدە قىزىقىدىغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.