توقايېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىقى جەزملەشتى
قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتى پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %81.31 نى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى، 20-نويابىر قازاقىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ جەزملەشكەن نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلاندا، توقايېۋ ئالتە نامزات رىقابەتلەشكەن سايلامدا، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %81.31 ىنى قولغا كەلتۈرۈپ قايتىدىن سايلانغان.
تىزىمغا ئالدۇرغان تەخمىنەن 12 مىليون سايلىغۇچىنىڭ 8 مىليون 300 مىڭى بېلەت تاشلىغان سايلامدا، 6 مىليون 456 مىڭ 393 كىشى نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت توقايېۋغا بېلەت تاشلىغان.
باشقا كاندىداتلار ئىچىدە جىگۇلى دەيرابايېۋ %3.42 (271 مىڭ 641 كىشى)، قاراقات ئابدەن %2.60 (206 مىڭ 206 كىشى)، مەيرام كاجىكېن %2.53 (200 مىڭ 907 كىشى)، نۇرلان ئاۋسبايېف %2.22 (176 مىڭ كىشى) ۋە سالتانات تۇرىسبېكوۋا %2.12 (168 مىڭ 731 كىشى) بېلەتكە ئېرىشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، سايلىغۇچىلارنىڭ 5.8 پىرسەنتى (460 مىڭ 484 ئادەم) بۇ قېتىمقى سايلامدا تۇنجى قېتىم «ھەممىگە قارشى تۇرۇش» كاتېگورىيەسىدە بېلەت تاشلىغان.
توقايېۋ 26-نويابىر پايتەخت ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.