قازاقىستان - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېۋ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىن ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

1892240
قازاقىستان - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاسىم جومەرت توكايېۋ ھەر قايسى يىغىنلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئاكوردادا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاتا يۇرتى بولغان قازاقىستاندا ئەردوغاننى قارشى ئالغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

جومەرت توكايېۋ: «بۇ زىيارەت شۈبھىسىزكى قازاقىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.

جومەرت توكايېۋ بۇ يىل ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ۋە بۇ مەزگىلدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا يېقىن سىياسىي دىيالوگ، ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى ئاساس قىلغان دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

توكايېف ماي ئېيىدا پايتەخت ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى نەتىجىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن «كېڭەيتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» باياننامىسى ئىمزالىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىن ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جومەرت توكايېۋ: «بىز تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە تۇتقان پوزىتسىيىسى يېقىن. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىز خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق سەۋىيەدە قويۇق ھەمكارلىقىمىزنى داەۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر