قازاقىستاندا 20 - نويابىردا مۇددەتتىن بۇرۇن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ قازاقىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇنقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ 20 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىشىگە دائىر قارارنامىغا ئىمزا قويدى.

1882876
قازاقىستاندا 20 - نويابىردا مۇددەتتىن بۇرۇن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقايېۋ ئىمزادىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى دائىرىسىدە، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار ئۈستىدە توختالدى.

توقايېۋ: «خەلقىمىز سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش پىلانىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ» دېدى.

توقايېۋ ئاساسىي قانۇننىڭ تەقەززاسى بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇنقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ 2022-يىلى 20 - نويابىردا ئۆتكۈزۈش قارارنامىسىغا ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ سايلام دۆلەتنىڭ پۈتكۈل سىياسىي تۈزۈمىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان جەرياننىڭ باشلىنىشى بولىدۇ» دېدى.

بۇ سايلام ئارقىلىق دۆلەتتىكى ئىقتىساد ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىشىغا پۇرسەت يارىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن توقايېۋ: «پات يېقىندا سايلامدىن بۇرۇنقى نىشانىمنى ئېلان قىلىمەن. مەن ھازىرقى پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن سايلام مۇساپىسىنىڭ ئادىل، ئوچۇق –ئاشكارا، يەرلىك ۋە چەتئەللىك كۈزەتكۈچىلەرنىڭ كەڭ قاتنىشىشى بىلەن قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىنغان ئاساستا ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر