قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1881107
قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى باتكېنت رايونىغا جايلاشقان دوختۇرخانىلارغا 24 جەسەت كەلتۈرۈلگەن.

قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش تۈنۈگۈن باشلانغانىدى.

تەرەپلەر، بىر – بىرىنى كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

توقۇنۇشلاردا قىرغىزىستان تەرەپتىن تەخمىنەن 90 كىشى يارىلانغانىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ماجىراسى سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ، يەر، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى سۇغىرىش، ھايۋانلارنى بېقىش، ئەتكەسچىلىك، ئورتاق يول ئىشلىتىش ۋە چېگرادىن رۇخسەتسىز ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رايوندا جىددىيلىك يۈز بەرمەكتە.

قىرغىزىستان، 2021 – يىلى 21 – مايدىن ئېتىبارەن، چېگرا ئىختىلاپى ھەل بولغانغا قەدەر تاجىكىستان بىلەن تاموژنا ئېغىزلىرىنى تاقىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر