قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ قايتىدىن باشلىنىپ، 11 ئادەم يارىلاندى.

1880710
قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان مىللىي خەۋپسىزلىك دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى ئاخبارات مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تاجىكىستان تەرەپنىڭ قىرغىزىستاننىڭ قۇلۇندۇ، ماكسات ۋە جانى-جەر قاتارلىق چېگرا يېزىلىرىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغان ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئېنبېك قۇلۇبايېۋ بىلەن تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىراجىددىن مۇخرىددىن چېگرادىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلىشىپ، چېگرادا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تاجىكىستان تەرەپنىڭ قانۇنسىز ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ دۈشەنبىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇرغان.

ئالدىنقى كۈنى قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قىرغىزىستان تەرەپتىن بىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي ئىككى كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر