قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا تاجىكىستانلىق بىر ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1879763
قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 07:00 ئەتراپىدا باتكەن رايونىنىڭ تاجىكىستان بىلەن چېگراداش قىسمىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى دۆلەت دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى نەتىجىسىدە، قوراللىق توقۇنۇش شۇ جاي ۋاقتى سائەت    12.40 ئەتراپىدا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما چېگرا لىنىيەسىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي ئىكەن.

قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، توقۇنۇشتا قىرغىزىستان تەرەپتىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

تاجىكىستان دائىرىلىرى، توقۇنۇشتا بىر تاجىكىستان ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر