ئەرمەنلەر لاچىن شەھىرىنى ئوت قويۇۋەتكەن ھالدا تەرك ئەتمەكتە

ئەرمەنلەر مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتىدىغان لاچىندىكى ئۆيلەر ۋە ئورمان رايونلىرىنى ئوت قويۇۋەتكەن ھالدا شەھەرنى تەرك ئەتمەكتە.

1869476
ئەرمەنلەر لاچىن شەھىرىنى ئوت قويۇۋەتكەن ھالدا تەرك ئەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتىدىغان لاچىنغا قانۇنسىز ھالدا ئولتۇراقلاشقان ئەرمەنلەر، ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن شەھەرگە زىيان يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رايوندىكى ئەرمەنلەر بىنالار، ئورمانلىقلارغا ئوت قويۇۋەتكەن ھالدا لاچىن شەھىرىنى تەرك ئەتمەكتە.

ئەرمەن كۆچمەنلەرنىڭ ئۆي – ماكانلارغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكى ۋە ئەتراپقا زىيان سالغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ناھايىتى تېز تارقىلىپ، قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.

ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2020 – يىلى 10 – نويابىر كۈنى ئىمزالانغان «ئۈچ تەرەپلىك باياننامە» گە ئاساسەن، قاراباغدا لاچىن ۋە ئەتراپىدىكى بەزى يېزىلاردا ياشاۋاتقان ئەرمەنلەر، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى قانۇنسىز ئولتۇراقلاشقان رايوندىن ئايرىلىدۇ ۋە شەھەر ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتىدۇ.

2020 – يىلى ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان لاچىن ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن بارغان نۇرغۇن كۆچمەنلەرمۇ قانۇنسىز ھالدا ياشىماقتا.

كۆچمەنلەر ۋە رايوندىكى رۇسىيە قىسىملىرىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە شەھەردىن ئايرىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن،  لاچىن ئەتراپىدىكى يول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ شەھەرنى كونتىرول  قىلىشى ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر